ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبنى يەنە توپقا تۇتتى

ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى ئاممىۋى ئولتۇراق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ بىر پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1176451
ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبنى يەنە توپقا تۇتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن تەكشىل تاپقان سۈرىيە ھۆكۈمەت قىسىملىرى، ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى ھامامىننىڭ شىمالىغا جايلاشقان كەفەر زىتا ۋە لاتامنە ناھىيەلىرىنى ھەمدە گاب ئويمانلىقىدىكى ئەل ھاۋاش يېزىسى بىلەن ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئابىدىن ۋە قاسسابىييە يېزىسىنى بۈگۈن چۈش ۋاقتىدا، قاتتىق توپقا تۇتتى  ۋە راكىتامىيۇتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

پۇقرالارنى قوغداش ئەترىتى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۇجۇمدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 2 پۇقرا يارىدار بولغان.

پۇقرالارنى قوغداش ئەترىتى بىنا خارابىلقىلىرى ئاستىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۆكتىچىلەرگە تەۋە كۆزىتىش ئۆيىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئىدلىبنىڭ جەبەلى زاۋىيە ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام ئېگىزلىكىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

بۇ ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر