خىتايغا 70 مىڭ شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ يوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارنى ئىشلىتىشى ب د ت نىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ.

1175768
خىتايغا 70 مىڭ شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ يوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ خىتايدا ئىشلەپ تاشقى پىروۇۋىت يوللىشى ئۈچۈن ئون مىڭلىغان ئىشچىنى خىتايغا يوللاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ «Cholsunilbo» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئون مىڭلىغان شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە پۇل يوللىشى ئۈجۈن ۋاقىلتىق زىيارەتچى ۋىزىسى بىلەن خىتايغا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ۋاقىتلىق زىيارەت ۋىزىسى بىلەن ئىش تېپىش ئۈچۈن 2 ئايلىق خىتايغا ماڭماقچى بولغان 70 مىڭ شىمالي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ خىتايدا ئەرزان باھالىق ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلىتلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە «خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئىشچىلارغا ئېھتىياجى بار. شىمالىي كورېيەمۇ بۇ ئېھتىياجنى قامداشقا بەك ئامراق» دېيىلدى.

خىتايغا يوللانغان شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارنىڭ ئومۇمەن خىتاينىڭ شەرقىدە كېيىم كېچەك ۋە يېمەك ئىچمەك زاۋۇتلىرىدا، قۇرۇلۇش، مۇنچا ۋە رىستورانلاردا ئىشلەيدىغانلىقى، ھەر ئاي تەخمىنەن 200 دوللار تاپالايدىغانلىقى ھەمدە بۇ پۇلنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەرلىك مەتبۇئاتلاردا، يادرو پىروگرامىلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ ئېمبارگوسىغا دۇچار بولغان شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پىرىۋۇت، يېمەك ۋە نېفىت زاپىسى قېيىنچىلىقىغا دۇچار بولغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا.

يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار دائىرىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىمالي كورېيەلىك ئىشچىلارنى ئىشلىتىشى قەتئىي چەكلەنگەن. شۇڭا خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەلىكلەرنى ئىشلىتىشىمۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ.

شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىىي ۋەكىلى كىم سوڭ 20مارتتا ب د ت غا مەكتۇب يوللاپ، يېمەك - ئىچمەك يارىدىمى تەلەپ قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر