سىچۈەندە چىققان ئوت ئاپىتىدە 20 دىن ئارتۇق پاژارنى خادىمى ئۆلدى

شەنبە كۈنى (30-مارت) خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تاغلىق رايوندا ئورماندا چىققان ئوتنى ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان 26 پاژرانى خادىمى ئۆلدى.

1174886
سىچۈەندە چىققان ئوت ئاپىتىدە 20 دىن ئارتۇق پاژارنى خادىمى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئورماندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، پاژارنى خادىملىرىنىڭ لياڭشەن رايونىدا 3 مىڭ 800 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان يەردە چىققان ئوتنى ئۆچۈرۈش جەريانىدا، تۇيۇقسىز يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتكەن شامالنىڭ تەسىرىدە بەزى خادىملارنىڭ قاپسېلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە 689 پاژارنى خادىمىنىڭ قاتناشقانلىقى، بىراق تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) 30 خادىم بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

تىببىي ئەسلىھەلەر بېسىلغان ئىككى تىك ئۇچارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوقاپ كەتكەن پاژارنى خادىملىرىدىن 26 سىنىڭ جانسىز بەدىنىنى تاپقانلىقى، باشقا پاژارنى خادىملىرىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ بولسا داۋاملىشىۋاتقانلىقى   بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خىتايدا ھەپتە ئاخىرى ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئورمانلاردا يۈز بەرگەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر