نېپالدىكى بوراندا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈنۈگۈن (31-مارت) نېپالنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بارا ۋە پارسا رايونلىرىدا چىققان بوراندا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 28 گە چىقتى.

1174607
نېپالدىكى بوراندا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارا رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇلى راجېش پوۋدېل رايوندىكى يېزىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بوراندا 27 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پارسا رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇلى نارايان بخاتتاراي بوران سەۋەبىدىن 1 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈچلۈك چىققان بوراندا، ئاز دېگەندە 40 كىشى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نېپال ساقچىلىرى ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە بوراندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاملار، ئۆينىڭ ئۆگزىلىرىدىن چۈشكەن خىش پارچىلىرى، قومۇرۇلۇپ چۈشكەن دەرەخلەر ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئېلېكتىر تۈۋرۈكلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نېپال باش مىنىستىرى خادگا پراساد شارما ئولى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نېپال دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى بوران سەۋەبىدىن 612 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خادىملىرىنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان يېزىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

نېپال ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سانۇ رام بخاتتارى قوشنا رايونلاردىن ئەۋەتىلگەن ساقچى خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا قاراپ ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر