ئەرەب دۆلەتلىرى ترامپنىڭ گۆلان تۆپىلىكلىرى قارارىنى ئەيىبلىدى

پارس قولتۇقى ئەللىرى پارلامېنت باشلىقلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىنى «ئىسرائىلىيە زېمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

1173118
ئەرەب دۆلەتلىرى ترامپنىڭ گۆلان تۆپىلىكلىرى قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا قاتارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان پارس قولتۇقى ئەللىرى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە گولان تۆپىلىكلىرىنىڭ «ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيە زېمىنى» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر قارار ئەيىبلەنگەن دوكلاتتا، بۇ قارارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تىنچلىق مۇساپىسى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان ناچار ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ماراكەش پادىشاھى VI. مۇھەممەد بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى II.ئابدۇللاھمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماراكەش رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –ماپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرىتا، ئىيوردانىيەلىك مەنسەپدېشى ئەيمەن ئەسسەفەدى بىلەن كازابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت پادىشاھلىرىنىڭ ئورتاق يازما باياناتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

«گولان تۆپىلىكلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيە زېمىنىدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ تۆپىلىكلەرنى قوشۇۋېلىش قارارى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىزدۇر» دېيىلگەن باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ «ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى باشتا بولۇپ خەلقئارالىق قارارلارغا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

قۇددۇس ۋە پەلەستىن دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىغان ماراكەش ۋە ئىيوردانىيە پادىشاھلىرى، 1967 – يىل چېگرالىرىدا پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، 25 – مارتتا ئاقسارايدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى» نى مەزمۇن قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىغانىدى.

ئىسرائىلىيە، سۈرىيە زېمىنى بولغان گولان تۆپىلىكلىرىنى 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر