بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىدلىب شەھىرىگە ياردەم بويۇملىرى يوللىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە 23 يۈك ئاپتوموبىلىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى يوللاندى.
1172485
![بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىدلىب شەھىرىگە ياردەم بويۇملىرى يوللىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6939/22ee/c986/5c9c9f50b91fa.jpg?time=1718838604)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان 23 ئاپتوموبىل ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆز چېگرا ئېغىزىدىن سۈرىيەگە ئۆتتى.
ئاپتوموبىللاردىكى ئىنسانپەرۋەرەلىك ياردەم بويۇملىرىنىڭ ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.