ئىراندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە

ئىراندا ھۆل-يېغىن تۈپەيلى كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27گە يەتتى.

1171670
ئىراندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا تەخمىنەن 10كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن تۈپەيلى كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27گە يەتتى.

ئىران تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە گۈلىستان، كوخىلۇيە-بۇيەر ئەھمەد ۋە سىمنان ۋىلايەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە بىر نەچچە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىراننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە شىراز شەھىرىدە 19، كوخىلۇيە-بۇيەر ئەھمەد ۋىلايىتىدە 2، كەرمانشاھ، لورىستان، ھۇزىستان ۋە سىمنان ۋىلايەتلىرىدە بىرەر كىشى قازا قىلغان، شۇنداقلا گۈلىستان ۋىلايىتىدە ياردەم ئەترىتى خادىملىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر قېيىقنىڭ تۈنۈگۈن دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى ئۆلگەن.

ئىراننىڭ 31 ۋىلايىتىدىن 25دە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى تۈپەيلى، ئىراندا تەخمىنەن 300 ناھىيە ۋە يېزىنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىران قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى باشلىقى مۇرتەزا سەلىمى: ھازىرغىچە 293 شەھەر ۋە يېزىدىكى 43595 كىشىگە ياردەم بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلدى، دېدى.

مېتېئورولوگىيە ئىدراسى شىددەتلىك ھۆل-يېغىننىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە پايتەخت تېھران بىلەن ئىسفاھان بولۇپ بەزى رايونلاردا يەنە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ شىمالىي، شەرقىي شىمالىي، غەربىي، غەربىي جەنۇبىي ۋە ئىچكى رايونلىرىدا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن بەزى دەريا ۋە كۆللەرنىڭ ئالدىغا سېلىنغان توسما ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە ۋە يۈزلەرچە ئۆينىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىرانلىق مەسئۇللار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىران مىقىياسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 23 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

 


خەتكۈچ: #ئىران , #كەلكۈن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر