رۇسىيە: سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز

رۇسىيە بىلەن لىۋان سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1171542
رۇسىيە: سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋادا  دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۋاتقان لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئەۋن بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر  ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما باياننامە ئېلان قىلدى.

باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە بىلەن لىۋان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە كىرىزىسىنى تىنچ يوللارنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىرىزىسنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارى ۋە سوچىدىكى سۈرىيە مىللىي دىيالوگ كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن ھەل قىلىنىشى يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.»

سۈرىيەدە سىياسىي باسقۇچنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ۋە بۇ دۆلەتتىكى زوراۋانلىق سەۋىيەسىنىڭ ئازايتىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئاستانا روھىغا ئاساسەن تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن باياننامىدە، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا، سۈرىيەگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلىندى.

باياننامىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاقىدار قىسمىدا، مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە بىلەن لىۋان قانۇنغا ئاساسەن، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئورنىتىش پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن چارە تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىن خەلقىىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى  تەكىتلىەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر