يەمەندە 48 سائەت ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 22 گە يەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاججاھ ۋىلايىتىدىكى ھۇجۇملاردا يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 12 كىچك بالا ۋە 10 ئايال بىلەن جەمئىي 22 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1161730
يەمەندە 48 سائەت ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 22 گە يەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا 30 كىشى يارىدار بولغانلىقى، يارىدار بولغان كىچىك بالىلارنىڭ داۋالاش ئۈچۈن پايتەخت سەنادىكى دوختۇرخانىلارغا يوللانغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ جىددىي يۆتكەلمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى باشلىقى لىسە گراند ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدىغان بىر كىرىزىستا ئورۇنسىز ھالدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ داۋاملىشىشى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» دېدى.

يەمەندە ئۇزۇندىن بېرى سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خۇسىيلار 2014يىلىدىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە قىسىملار 2015يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان خۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلماقتا.

يەمەندە 4 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا مىڭىلغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ب د ت نىڭ قارىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىسلەردىن بىرسى يەمەندە يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى تەشكلىل قىلىدىغان 10 مىليون ئىنسان ئاچارچىلىققا مۇبتىلا بولماقتا. 

يەمەندە 22 مىليوندىن كۆپرەك ئىنسان ياردەمگە ۋە قوغدىنىشقا مۇھتاج ھالغا كېلىپ قالدى.

يەمەننىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلىرى ئېغىر كىرىزىس ئىچىدە بولۇپ، پاكىز سۇنىڭ قىسلىقى، يېتەرسىز ئوزۇقلىنىش، دورا ۋە تىببىي ئەسلىھەلەرنىڭ كەم بولۇشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خولېرا قاتارلىق يۇقۇملۇق ۋابا كېسەللىكلىرىگە دۇچار بولغانلارنىڭ سانىمۇ كۈنسىرى ئاشماقتا.

 


خەتكۈچ: #يەمەن , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر