مېركېل: ياۋروپا مۇداپىئە سىياسىتى ناتونىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ياۋروپا مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1161601
مېركېل: ياۋروپا مۇداپىئە سىياسىتى ناتونىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانگېلا مېركېل، لېتونىيە باش مىنىستىرى كرىسيانىس كارىنس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، لېتونىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن نۇقتىلىق ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مېركېل، ناتونىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك قابىلىيەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىگە يېتەكلەش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ياۋروپا مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ ھېچبىر شەكىلدە ناتونىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم» دېدى.

ياۋروپانىڭ ئورتاق ئاۋىياماتكا ياساپ چىقىشى پىكرىگىمۇ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مېركېل، ياۋروپانىڭ بۇنداق بىر دېڭىز كۈچىگە ئىگە بولۇشىنى توغرا ۋە ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ھەسسە قوشۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ دۆلەت بىلەن ياخشى شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ يولدا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لېتونىيە باش مىنىستىرى كرىسيانىس كارىنسمۇ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرالارنىڭمۇ ئېلىپ تاشلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە بىرلا ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان كارىنس، «سالمىقىمىزنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. بىرلىكتە خىزمەت قىلساق، ھەم خەۋپسىزلىك ھەم ئىقتىسادىي ساھەدە كۈچلۈك بولىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر