ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1160615
ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى  ۋىز بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىراق زىيارىتىدىن ئىلگىرى پايتەخت باغدادتا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ ئىراق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە، ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان زارىف: ئىراق مەسئۇللىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىشنى ياكى ۋىزىنىڭ ھەقسىز قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلدۇق، ناۋادا بۇ ئىككى تەكلىپ ئىشقا ئاشمىسا، ۋىزا ھەققىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشنى تەكلىپ قىلدۇق، بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىلىمىز داۋاملاشماقتا، بۇ ھەقتە خۇشخەۋەر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمەن، دېدى.

مىنىستىر جەۋاد زارىف باغداد زىيارىتى دائىرىسىدە ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى ئەل ھەكىم بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان  قىلىش يىغىنىدا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئېلېكتر ساھەلىرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر