زەرىف خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى ئەيىبلىشكە چاقىردى.

1159787
زەرىف خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق 66  تېببىي ئالىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى توغرۇلۇق يازغان مەكتۇبىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشكەن زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ ئىران پۇقرالىرىنڭ  تېببىي ماتېرىياللارغا قارىتا ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە  تېببىي ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر