ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئىران ياردەم بېرىۋاتقان تېررورچىلار گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىبنىڭ سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى چېگرالىرى ئىچىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1159751
ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئىران ياردەم بېرىۋاتقان تېررورچىلار گۇرۇپپىلار ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن، شەراكىب، مەئەررانىنۇمان، جىسرۇششۇغۇر ناھىيەسى، بىدامە رايونى، ھاما ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لاتامىنە، مورىق، كەفەر زىيا ناھىيەسى ۋە زىيارە، ھاۋىز، ھاۋىجە يېزىلىرى، مادىق قەلئەسى قاتارلىق جايلارنى توپقا تۇتماقتا ئىكەن.

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا ھاج يۈسۈف، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىب ۋە ھاما ۋىلايىتىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۈن بويى ئىدلىبنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 پۇقرا يارىلاندى.»

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىران ياردەم بېرىۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ، سوچى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىىغا جايلاشقان ناھىيەدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 11 پۇرقا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 335 تىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىگە قارىماي پات - پات ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «ئاستانا كېلىشىمى» دائىرىسىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن.

ھەربىي ئۆكتىچىلەر بولسا، 2018 – يىلى 17- سېنتەبىر كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن رايوندىكى ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلىرىنى 2018 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر كۈنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر