ئىران، رۇسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرى سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران، رۇسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيەلىك دىپلوماتلار پايتەخت تېھراندا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1159020
ئىران، رۇسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرى سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى چىن شياۋدوڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئالاھىدە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېۋ ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى مۇدىرى فىلىپ ئاكېرمان، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتتە بولغان.

ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۇسەيىن جابىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن دىپلوماتلار، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ئۇچرىشىشلادا يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، ئىدلىبتا ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى، سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ۋە مۇساپىرلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتىشى دېگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر