ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان پاتالا ئەزاسى ئىلخان ئومەر تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن چىقىرىۋىتىلەمدۇ؟

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ئېلوت ئەنجېل، ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى باياناتى بىلەن كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغان مۇسۇلمان پاتالا ئەزاسى ئىلخان ئومەرنىڭ كومىتېتتىن چىقىرىۋىتىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1158648
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان پاتالا ئەزاسى ئىلخان ئومەر تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن چىقىرىۋىتىلەمدۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلوت ئەنجېل باياناتىدا، ئومەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان باياناتى سەۋەبىدىن تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر چاقىرىقلارغا جاۋاب قايتۇردى.

ئېلوت ئەنجېل ئامېرىكىدا تارقىتىلىدىغان «CNN» تېلېۋزىيەسىنىڭ پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئۆمەرنى كومىتېتتىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئەقلىگە كەلگەن ئىشمۇ ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەتلا ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، رەھبەرلىك تەرىپىدىن قىلىنغان بىر ئىش. لېكىن بۇنىڭ ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەقسىتىم يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىشنى يوقۇتۇش، ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنى جازالاش ئەمەس» 

ئېلوت ئەنجېل ھەپتە ئاخىرىدا ئۆمەرنىڭ: «بۇ دۆلەتتە دۆلەتلىك مىلتىق شىركىتى، تاشقا ئايلانغا جىسىم، يېقىلغۇ ۋە دورا شىركەتلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارىتا سۆز قىلغىلى بولىدىغان تۇرۇغلۇق، سىياسىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك لوبى ھەققىدە (يەنى ئىسرائىلىيە لوبىلىرى ھەققىدە) نېمە ئۈچۈن سۆز قىلالمايدىغانلىقىمىزنى سوراپ بېقىشنى خالايمەن» دېگەن باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆمەرنىڭ كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. 

ئېلوت ئەنجېل مۇنداق دېدى:

«پاتادا سىياسەتلىرىمىزگە دائىر تالاش تارتىشلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قوبۇل قىلىمەن، بىراق سىياسىي قاراشلارنى بويلاپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان ساداقىتىنى سوراق قىلىش ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ»

يەنە بىر تەرەپتىن ئۆمەرنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دېموكراتچىلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىغا سۇنىدىغان قارار تەكلىپىنىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسىي پېلوسى بۇ كىچىكتۈرۈشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ، يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى ئەيىبلەيدىغان مەزكۇر تەكلىپقا يەنە، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى رەت قىلىدىغان بىر ماددىنىمۇ قوشۇش مەسىلىسىنىڭ پالاتا ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلخان ئۆمەر ھەپتە ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان ساداقىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان سىياسىي تەسىر كۆرسىتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تەنقىد قىلالىغان يەردە، ئىسرائىلىيە لوبىسى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىلخان ئۆمەر: «مەن ماڭا بېلەت تاشلىغان ئامېرىكا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىمەن. ئىسرائىلىىيەگە ئەمەس. يات بىر دۆلەتكە ساداقەت كۆرسىتەلمىگەنلىكىم يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلغانلىق بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. 

ئىلخان ئۆمەر يېقىنقى ھەپتىلەردە بەزى ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە لوبىسىدىن پۇل ئالغانلىقلىلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى باياناتى سەۋەبىدىن ھەم دېموكراتچىلار، ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر