سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانى بېكىتىلدى

رۇسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانى بېكىتىلدى.

1157471
سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدىغان «سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى»نىڭ، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، تېررورىزمنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلۇشى ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىرىمېل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.  

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ بۇ يىل 27- فېۋرالدا موسكۋادا كۆرۈشكەندە، سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنى  قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان پېسكوۋ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېسكوۋ: سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ سۈرىيەدىن چەت ئەل كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش، تېررورىزمنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، دېدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بارغان موسكۋا زىيارىتى توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەندىن كېيىن سۈرىيەگە بارغان چەت ئەل كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىسىدە پۇتىن بىلەن كېلىشتۇق، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن رۇسىيە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر