ئامېرىكانىڭ قۇددۇستىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئەلچىخانىسى بۈگۈن بىرلەشتۈرۈلىدۇ

بۈگۈن (4-مارت) ئامېرىكانىڭ قۇددۇستىكى كونسۇلخانىسى بىلەن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پۈتكۈل نارازىلىقلارغا قارىماستىن قۇددۇسقا يۆتكىگەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1156194
ئامېرىكانىڭ قۇددۇستىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئەلچىخانىسى بۈگۈن بىرلەشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ قۇددۇستىكى كونسۇلخانىسى بىلەن قۇددۇس ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكانىڭ قۇددۇستىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئەلچىخانىسى 2019-يىل 4-مارت بىر دىپلوماتىك ئورگان سۈپىتىدە بىرلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ خىزمەت، مىنىستىر مايك پومپېيو 2018-يىل 18-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئىككى دىپلوماتىك ئورگان بىلەن خادىملارنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن قىلىندى» دېيىلدى.

بارلىق دىپلوماتىك خىزمەتلەر ۋە رەسمىيەتلەرنىڭ قۇددۇستا بېجىرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، غەززە بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى خىزمەتلەرگە، قۇددۇستىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ پۈتۈنلەي پائالىيەت تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىنغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2017-يىل 6-دېكابىر قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق نارازىلىقلارغا قارىماستىن تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى مۇراسىم بىلەن قۇددۇسقا يۆتكىگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززە چېگراسىدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىلىشىگە ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش يىلى بولغان نەكبە (Nekbe) نىڭ 70 –يىللىقىغا قارشى پارتلىغان نامايىشلارغا قاتناشقان 60 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلىپ، 2 مىڭ 770 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر