«2019-Dynamic Manta» مانېۋىرى باشلاندى

ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىجىلىيە ئارىلىدا 8-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1152398
«2019-Dynamic Manta» مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (25-فېۋرال) ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ھاۋا، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە تەلىم-تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان «2019-Dynamic Manta» ناملىق مانېۋىرى باشلاندى.

ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىرغا، ناتوغا ئەزا تۈركىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق دېڭىز ھەمدە ھاۋا ئارمىيە ئەسكەرلىرى قاتنىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە كۆپ ساندا سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ھەمدە ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

مانېۋىرغا قاتناشقان ھەربىي قىسىملار ئىتالىيەنىڭ سىجىليە دېڭىز ساھىلىدا، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ناتو چېگرالىرىغا تەھدىت سالغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ھاۋا، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى ھەمكارلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئاقدېڭىز، ئەگە ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش، ئورتاق دېڭىز تەلىم-تەربىيەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ناتونىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ناتو مانېۋىرلىرىنى ئەڭ كۆپ قوللىغان دېڭىز ئارمىيەلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە، «2019-Dynamic Manta» دىكى مەۋجۇتلۇقىنى ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە ھېس قىلدۇرماقتا.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرغا «TCG» گەلىبولۇ ھەربىي پاراىوتى، «TCG» سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە بىر دانە «P-235» تىپلىق ئايروپىلان بىلەن قاتنىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مانېۋىر 8-مارتقىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر