زەرىف: ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە «بۇ خىل قەدەملەرنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشقا مەھكۇم ئىكەنلىكى» نى ئېيتتى.

1152109
زەرىف: ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت سەھىپىسىگە چىقىرىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف، ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبىن داريو مولىنا ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف ئۇچرىشىشتا، ھەرقانداق تاشقى مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرونىڭ ئىختىلاپلار ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سىياسىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان زەرىف، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشىنىڭ ۋە ۋېنېزۇئېلاغا كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ھۆججەتلىرىگە خىلاپ ئىكەنلكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، «بۇ خىل قەدەملەرنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشقا مەھكۇم ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشتا، ۋېنېزۇئېلادىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىفكە مەلۇمات بەرگەن ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولىنامۇ، دۆلىتىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشىغا ھەمدەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىرانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر