پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىدا ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1150004
![پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d3f7/c670/9530/570269809eccd.jpg?time=1719287945)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى لاسبېللا شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبچى بولغان سۇ ئاپتىدە، 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شىددەلىك يامغۇلار سەۋەبىدىن بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە ئاز دېگەندىمۇ 9 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەخمىنەن 200 ئائىلىنىڭ يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.