ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ ئۇچۇر - ئالاقە قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو، سۈرىيە كىرىزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ ئۇچۇر - ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1149212
ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ ئۇچۇر - ئالاقە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاللادىنو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، سۈرىيە كىرىزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيە  بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ ئۇچۇر - ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ۋاشىنگتوننىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىغا سادىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدىن قوشن چېكىندۈرۈشىمىز تاكتىكىلىق بىر ئۆشگىرىش بولۇپ، دائېشقا قارشى كۈرەش نىشانىمىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.»

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش باسقۇچىدا «بىخەتەر رايون» بەرپا قىلىش پىلانلىرىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ ئۇچۇر - ئالاقە قىلىۋاتىمىز، بۇمۇ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا چېكىنىشى ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە ئەستايىدىل قاراۋاتىمىز، شۇڭا پائالىيەتلىرىمىزدىمۇ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىمىز. جۈملىدىن، سۈرىيە كىرىزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ئۇچۇر - ئالاقە قىلىۋاتىمىز، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلىشالمايمىز.»

ئۇ يەنە، رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سۈرىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەنى پارچىلاش پىلانى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ  سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر