نىيۇ يوركتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نىيۇ يورك شەھىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەتنىڭ مېكسىكا چېگراسىدا يۈز بەرگەن «زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» نى سەۋەب كۆرسىتىپ «مىللىي جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1148176
نىيۇ يوركتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يوركتىكى «‹ Union Square  › مەيدانى» دا بىر يەرگە جەم بولغان ۋە «كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوللايمىز»، «مىللىي جىددىي ھالەت ئاقساراينىڭ ئىچىدىن چىقماقتا» ۋە «پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يالغان كىرىزىسىنى رەت قىلىمىز» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان  لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان يۈزلەرچە كىشى،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ناخشا – مۇزىكىلارغا تەڭكەش قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان نامايىشچىلار، ترامپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

نىيۇ يورك ساقچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ساھەدە ۋە ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتتى.

نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان ترامپ تەرەپدارى بىر كىشى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىش يۈز بەردى، ساقچىلار كېيىنچە بۇ كىشىنى ساھەدىن يىراقلاشتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «مىللىي جىددىي ھالەت» قارارىغا قارشى ئاقساراينىڭ ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى « MoveOn » ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقايسى ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.

ترامپنىڭ چېگرا رايونىنىڭ  بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى سەۋەب كۆرسىتىپ «مىللىي جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىشىنى «ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى يوققا چىقىرىش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە «چېگرا رايونىغا سېپىل سوقۇلۇشىغا قارشىمىز، ترامپنى خالىمايمىز»، «سېپىلنى ترامپنىڭ ئەتراپىغا سوقۇڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈۈش ئۈچۈن ئاقساراينىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىغا 5.7 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىدىغان بىر سېپىل سوقۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا فېدېرال ھۆكۈمىتى 2018 – يىلى 22 – دېكابىردىن 2019 – يىلى 25 – يانۋارغىچە تاقىلىپ قالغانىدى. بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېرال ھۆكۈمىتى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش بولۇپ قالغانىدى.

كېيىنچە ئاۋام پالاتاسى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن 3 ھەپتىلىك چىقىم ئاجرىتىش قارارنامىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىىشىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

دېموكراتلارنىڭ سېپىل سوقۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى تەستىقلىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «مىللىي جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت قارارنامىسى ئارقىلىق سېپىل سوقتىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر