ئامېرىكا سۈرىيەدە كۆزەتكۈچى قىسىم تۇرغۇزۇشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆزەتكۈچى قىسىم تۇرغۇزۇشنى پىلانلىماقتا.

1145375
ئامېرىكا سۈرىيەدە كۆزەتكۈچى قىسىم تۇرغۇزۇشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناھان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغى قاتنىشىش مەقسىتىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا ھەمراھلىقىدىكى ژۇرنالىستلارغا ئىراق، سۈرىيە ۋە ئافغانىستان زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە مەسىلىسىگە كەلسەك، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆزەتكۈچى قىسىم تۇرغۇزۇشنى پىلانلاۋاتىمىز، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا نىسبەتەن ئۆزگىچە بىر پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ.»

بىر مۇخبىرنىڭ «بۇ قانداق كۆزەتكۈچى قىسىم بولىدۇ؟ بۇ قىسىمغا كىم قوماندانلىق قىلىدۇ؟ بۇ قىسىم قەيەردە ۋەزىە ئۆتەيدۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن شاناھان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى بىلەن رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قانداق ساقلاش مەسىلىسىدە داۋاملىق مۇزاكىرىلەر ھەم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تىرىشچانلىقلارغا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ؟ ئوچۇقراقى، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى  ئۆزىنىڭ مەنبەلىرى ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى تاللاشتۇر، نۆۋەتتە بىزنىڭ تاللىشىمىزمۇ مۇشۇ، لېكىن، بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخىچە تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر