خۇەن گۇايدو پات يېقىندا ۋېنېزۇئېلاغا ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو 25-فېۋرالدا ۋېنېزۇئېلاغا ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1144092
خۇەن گۇايدو پات يېقىندا ۋېنېزۇئېلاغا ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو، ھۆكۈمەت نارازىلىق بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ 23-فېۋرالدا دۆلەت ئىچىگە ياردەم بۇيۇملىرى كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەخمىنەن50 دۆلەت تەرىپىدىن مۇۋەققەت پىرېزىدېنت سالاھىيىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان گۇايدو، پايتەخت كاراكاستا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئارمىيەگە «ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىپ بېسىمنى تۈگەتكىن»دەپ يوليۇرۇق چۈشۈرگەن گۇايدو: ياردەم بۇيۇملىرى كىرمىگەن تەقدىردە تەخمىنەن 300مىڭ ۋېنېزۇئېلالىق ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2 مىليوندەك كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، دېدى.

ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ 23-فېۋرالدا ۋېنېزۇئېلاغا ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان گۇايدو، ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋە تارقىتىش خىزمەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا چوقۇم ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى گۇايدو، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ دۆلەتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچى پارتىيە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىن كېلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو، ئۆكتىچىلەرنىڭ ياردەم بۇيۇملىرىنى ۋېنېزۇئېلاغا ئېلىپ كىرىش چاقىرىقلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ «ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىشغالىيەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى»ئېيتىپ، «بۇنداق كۆز بويامچىلىققا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى»بىلدۈرمەكتە.  


خەتكۈچ: #ۋېنېزۇئېلا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر