ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋاپات بولدى
ئافغانىستاننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى تۇنجى پىرېزىدېنتى سىگھاتۇللاھ مۇجەددىدى 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
![ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋاپات بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f2d5/5834/85dd/5c62774339f7b.jpg?time=1718817948)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن سىگھاتۇللاھ مۇجەددىدىنىڭ باياناتچىسى شېرىف يۇسۇفى، مۇجەددىدىنىڭ پايتەخت كابۇلدا داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ۋاپت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1979 – يىلدىن تارتىپ 1989 – يىلغىچە بولغان 10 يىللىق ئىشغالىيىتى دەۋرىدە، سابىق پىرېزىدېنت ھامدى كارزائىمۇ مەنسۇبى بولغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كىچىك بىر مۇجاھىدلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى بولغان مۇجەددىدى، ئىشغال ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كابۇلدا قۇرۇلغان تۇنجى ھۆكۈمەتتە ئۇدا ئىككى ئاي پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، كېيىنچە بۇرھانەددىن راببانىغا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.
راببانى دەۋرىدە مۇجاھىد گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا كۈچ كۈرىشى يۈز بەرگەن، ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان توقۇنۇشلاردا باشقا گۇرۇپپىلارنى يەڭگەن تالىبان، 1996 – يىلى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.