ھىندىستاندا مېھماخانىغا ئوت كېتىپ 17 كىشى ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىنىڭ غەربىدىكى بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 17 كىشى ئۆلۈپ، 4 كىشى يارىدار بولغان.
1143357
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى دېھلى ساقچى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ماندېپ سىڭگ رانداۋا كارول باغ رايونىدىكى 5 قەۋەتلىك بىر مېھمانخانىنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 17 كىشى ئۆلۈپ، 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماندېپ سىڭگ رانداۋا سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىغان ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ كېچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، مېھمانخانىدىكى 30 دىن ئارتۇق كىشىنى ئوت – يالقۇنلار ئارىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
رانداۋا مېھمانخانىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئۆچۈرۈپ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.