ستوكھولمدا پارتلاش يۈز بەردى

شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا بىر ئۆيدە يۈز بەرگەن پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1142517
ستوكھولمدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئافتونبالدېت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاش ۋوربېرگ مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە 20 ياشلىق بىر ياش جېنىدىن ئايرىلغان.

ستوكھولم ساقچى ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، تۈنۈگۈن (10-فېۋرال) شۇ يەر ۋاقتى 15:00 تە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، بومبا بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىنىڭ پارتلاش يۈز بەرگەن ئۆينى تەكشۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئاننا ۋېستبېرگ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بار ياكى يوقلۇقى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا ھەر تەرەپتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، پارتلاش يۈز بەرگەن يەر ئەتراپىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئېكسپرېسسىن گېزىتى» (Expressen) جېنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ «ئادەم بومبا» ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى پارتلاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى سېپو (SEPO)، ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر