جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۆلدى.

1142262
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئارمىيەسى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كۇلگامدىكى بىر يېزىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 5 قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن كېيىن ھىندىستانغا قارشى نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 10 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە، 1947 - يىلى ھىندىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن چېغىدا، كەشمىرگە پاكىستان ياكى ھىندىستاندىن بىرىنى تاللاپ قوشۇلۇپ كېتىش ئىختىيارلىقىنى بەردى.

نوپۇسىنىڭ %90 نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان كەشمىر خەلقى، 1947 – يىلى پاكىستانغا قېتىلىپ كېتىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ خانى ھىندىستانغا قوشۇلۇپ كېتىشكە قارار قىلدى؛ ئۇنىڭ قارارىغا مۇسۇلمان كەشمىر خەلقى قارشى چىقتى.

پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىشى بىلەن تەرەپلەر تۇنجى قېتىم 1947-يىلى ئۇرۇشتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى 1965 ۋە 1999- يىللىرىمۇ ئۇرۇش يۈز بەردى.

پاكىستان، ھىندىستاننىڭ كەشمىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە پىسەنت قىلماستىن جاممۇ كەشمىرنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ھىندىستان بولسا، جاممۇ كەشمىرنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا ۋە پاكىستاننىڭ رايوندىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

كەشمىر بىر تاغلىق رايون بولۇپ، %45ى ھىندىستاننىڭ، %35 ى پاكىستاننىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا. رايوننىڭ %20 لىك قىسمىغا بولسا خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. 1960 – يىلى خىتاينىڭ تىزگىنى ئاستىغا كىرگەن رايون «ئاقساي چىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھىندىستان قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلارنى «جاممۇ كەشمىر» دېگەن نام ئاستىدا ئۆزىگە قاراتتى. جاممۇ كەشمىر ھازىرمۇ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىردىنبىر ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ.

پاكىستان بولسا، ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەشمىرگە «ئازاد كەشمىر» ۋە «گىلگىت بالتىستان» دىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1948- يىلىدىن بۇيانقى قارارلىرىدا، كەشمىرنىڭ ئەسكەرلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنى ۋە كېلەچىكىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق بېكىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر