ھامانېي:«ئامېرىكا رەزىللىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ سېمۋولىدۇر»

ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئەلى ھامانېي ئامېرىكانىڭ رەزىللىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ سېمۋولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1141407
ھامانېي:«ئامېرىكا رەزىللىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ سېمۋولىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئەلى ھامانېي، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىللىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ سېمۋولى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپاغا بولسا قەتئىي ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى، دىنى رەھبەر ئەلى ھامانېينىڭ پايتەخت تېھراندىكى ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىدا سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە دۇنيا مىقىياسىدا يۈز بەرگەن بارلىق ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلەرنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھامانېي: ئامېرىكا  رەزىللىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ سېمۋولىدۇر. لېكىن بىز ئامېرىكانى تەنقىد قىلساق دەرھال ھاقارەتكە ئۇچرايمىز، دېدى.

ئەلى ھامانېي ئىراننىڭ ئامېرىكا خەلقى بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكاغا لەنەتلەر بولسۇن دېگەنلىك ترامپقا، جون بولتون ۋە پومپېيوغا لەنەتلەر بولسۇن دېگەنلىكتۇر.»

ياۋروپانىڭ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بەرگەن تەكلىپلىرى ئۈستىدە توختالغان ھامانېي: ياۋروپالىقلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايلى دېمەيۋاتىمەن، مەن پەقەت ياۋروپالىقلارغا ئىشەنمەسلىكنىلا تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن، ئەينى ۋاقىتتا ئىران ھەيئىتىگە ئامېرىكانىڭ سۆزلىرى ۋە ئىمزاسىغا قەتئىي ئىشەنمەسلىكنى تاپىلىغانىدىم، لېكىن گېپىمگە قۇلاق سېلىشمىدى، بۇ ھەيئەت ئەمدى ئامېرىكاغا ئىشەنمەسلىك كېرەك، دەۋاتىدۇ، دېدى.

فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشىغا قارىتا باشلىغان نارازىلىق نامايىشلىرى ئۈستىدە توختالغان ھامانېي مۇنداق دېدى: «پارىژ كوچىلىرىدا مۇخبىرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا، بەزى مۇخبىرلار كۆزىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىجىل بولماي كىشىلىك ھوقۇقتىن گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار نە ئۆتمۈشىدە نە كۈنىمىزدە نە تارىخىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ باققىنى يوق، شۇڭا ئۇلارغا ھەم ئىشىنىشكە ھەمدە ھۆرمەت قىلىشقا بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر