رۇھانى: ئامېرىكا قىلمىشلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلسا، بىز تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمىز

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، «ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەۋبە قىلىپ (خاتالىقىنى تونۇپ)، ئۆتمۈشتە ئىرانغا قىلغان مۇداخىلىلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىسا، ئامېرىكىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرى» نى بىلدۈردى.

1140467
رۇھانى: ئامېرىكا قىلمىشلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلسا، بىز تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھراندىكى باش ئەلچىلەر ۋە دىپلوماتلارغا ئېچىلغان بىر يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىران سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى.

چەت كۈچلەرنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە مۇداخىلىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىشانىغا قەتئىي يېتەلمەيدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ «شەرقتىكى دۇنياۋى كۈچكە قارشى رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى» نى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا ئىراننى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېقىنقى 40 يىلدا پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى، بىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىزنىڭ شوئارىمىز پۈتكۈل دۇنيا بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشتۇر. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەۋبە قىلىپ، ئۆتمۈشتە ئىرانغا قىلغان مۇداخىلىلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىسا، ئامېرىكىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر