مۇتاھھارى: ئىراننىڭ شىئەچىلىك قىلىشى تاشقى سىياسەتتە مەسىلە پەيدا قىلماقتا

ئىران پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى مۇتاھھارى، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا شىئەچىلىك قىلىشىنىڭ تاشقى سىياسەتتە مەسىلە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1140076
مۇتاھھارى: ئىراننىڭ شىئەچىلىك قىلىشى تاشقى سىياسەتتە مەسىلە پەيدا قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى مۇتاھھارى ئىران ئىنقىلابىنىڭ 40 يىللىق ئۆتمۈشىگە باھا بېرىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردە مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، «رايوندىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن شىئەلىكنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئىسلامنىڭ تارقىلىشىغا خىزمەت قىلىشىمىز لازىم. ئايرىمچىلىق ۋە شىئەچىلىك قىلىش باشقىلارنىڭ قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بىزنىڭ ئەھلى سۈننەت بىلەن بىر مەسىلىمىز يوق. ئارىمىزغا چېگرا قويۇش توغرا ئەمەس» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىراندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەگە يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇتاھھارى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تاشقى سىياسىتىمىزنى تۈزىتىشىمىز، تېخىمۇ ھالەتكە كەلتۈرۈشىمىز، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلىك ئورناتماي تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

بەزى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تۇرمۇش جەھەتتە خەلقتىن ئايرىلىپ كېتىشلىرىنىڭ ئىنقىلابقا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان مۇتاھھارى، دۆلەتتىكى ساقلىنىۋاتقان ئىككىنچى بىر مەسىلىنىڭ، پىكىر ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىران ئىنقىلابىنىڭ نەزەرىيەشۇناسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئايەتۇللاھ مۇرتەزا مۇتاھھارىنىڭ ئوغلى بولغان مۇتاھھارى، خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەركىنلىكلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى، بىراق دۆلەت لىدېرى ئەلى خامەنېيغا قاراشلىق ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىسنانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتاھھارى، «قوراللىق كۈچلەرنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي ساھەگە مۇداخىلە قىلىشلىرىمۇ تۈزىتىلىشى لازىم. بۇ ئەھۋال دۆلەتنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىر ئەسكەر تاشقى سىياسەت توغرىسىدا پىكىر بايان قىلماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر