ترامپ بېرنھاردتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە نۆۋەتتە بۇ ۋەزىپىنى ۋەكىل سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان دەيۋىد بېرنھاردتنىڭ نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1139256
ترامپ بېرنھاردتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دەيۋىد ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندىن بۇيان ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇڭا ئۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسىتىلدى، نۆۋەتتە بىز مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي ماقۇللىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

49 ياشلىق بېرنھاردت 2018 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ريان زىنكېنىڭ ئورنىغا ۋەكىل سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتاتتى.

مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىشى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىغا باغلىق بولغان بېرنھاردت، 2006 – 2009 – يىللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى كابېنتتىن زېمىن - مۈلۈكلەر ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر