كانادا ۋېنېزۇئېلالىق مۇساپىرلارغا ياردەم قىلدى

كانادا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلالىق مۇساپىرلارغا تەخمىنەن 53 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇمى بەردى.

1139033
كانادا ۋېنېزۇئېلالىق مۇساپىرلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ھۆكۈمىتى، كىرىزىس تۈپەيلى قوشنا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەن ۋېنېزۇئېلالىق مۇساپىرلارغا تەخمىنەن 53 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇمى يەتكۈزۈپ بەردى.

كانادا باش مىنسىتىرى جاستىن ترۇدىيو، پايتەخت ئوتتوۋادا ئۆتكۈزۈلگەن لىما گۇرۇھى 10-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، تەخمىنەن 3 مىليون ۋېنېزۇئېلالىقنىڭ كىرىزىس تۈپەيلى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ترۇدىيو ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە «سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ھۆرمەتسىزلىكلەرنى قىلغانلىقىنى»ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىيەنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ ۋە قاتتىق ۋاستىلارنى ئىشلەتمەكچى بولغان بىر دىكتاتورغا شاھىت بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىليونلارچە كىشىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىس تۈپەيلى باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولۇپ  قالغانلىقىنى ئېيتقان باش مىنىستىر ترۇدىيو، تەخمىنەن 53 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇمىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى «ئىشەنچىلىك شىرىكلىرى»گە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

كانادا خەلقئارا تەرەقىيات ئىشلىرى مىنىستىرى مارىيا-كلاۋۇد بىبىيومۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 52مىليون 890مىڭ  دوللارلىق ياردەم بۇيۇمىنىڭ ۋېنېزۇئېلالىق مۇساپىرلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقلىق تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پېرۇ ۋە كولومبىيەدە 3 مىليونغا يېقىن ۋېنېزۇئېلالىق مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان بىبىيو، ياردەم پۇللىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر