ئىراق: «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقمىسا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز»

ئىراقتىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىدىن بولغان ئاسايىب ئەھلىھەق ھەرىكىتى رەھبىرى قايس ئەل ھازئەلى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقمىغان تەقدىردە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1138383
ئىراق: «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقمىسا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىدىن بولغان ئاسايىب ئەھلىھەق ھەرىكىتى رەھبىرى قايس ئەل ھازئەلى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراق پارلامېنتىدىن چىقىدىغان قارارنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكادا قېلىشنى داۋاملاشتۇرسا، قوراللىق ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئامېرىكاغا تەھدىت سالدى.

ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازىسىنىڭ ئىراق مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان قايس ئەل ھازئەلى، پايتەخت باغدادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخپىي پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىراققا كىردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇنى ئوچۇقلا دەۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز بىخەتەرلىكى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىراقتا ھەربىي بازا قۇرۇپ چىقتى، ئىراننى زور تەھدىت، دەپ قارايدۇ.»

قايس ئەل ھازئەلى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىندۈرۈلۈشى ئۈچۈن پارلامېنتتىن قانۇن چىقىرىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەل ھازئەلى ئىراق پارلامېنتىنىڭ قارارى ۋە ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكائەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقمىغان تەقدىردە، ئامېرىكاغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر