دونالد ترامپ: «مەجبۇر بولۇپ قالساق سۈرىيەگە قايتىپ كېلىمىز»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەگە قايتىپ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1137948
دونالد ترامپ: «مەجبۇر بولۇپ قالساق سۈرىيەگە قايتىپ كېلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەجبۇر بولۇپ قالساق، سۈرىيەگە قايتىشىمىز مۇمكىن.»

دونالد ترامپ ئامېرىكادىكى « CBS » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپكە مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي بازىلىرى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ياكى چىقماسلىق توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن ترامپ: ئەسكەرلىرىمىز خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ، سۈرىيەدە 4 ئاي تۇرۇش ئۈچۈن بارغانىدۇق، لېكىن 4 يىل تۇرۇپ قالدۇق، ئافغانىستاندا بولسا 19 يىل بولدى، تالىبان بىلەن كۆرۈشىۋاتىمىز، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، تالىبان ئېغىر دەرىجىدە ھالسىردى، ھەممە تەرەپ چارچىدى،  تالىبان تىنچلىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئايىغى چىقماس ئۇرۇشلاردىن قايتىپ چىقىپ ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇرمىز، ئىستىخبارات ئورۇنلىرىمىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ، ئافغانىستاندا ئىستىخبارات ئورۇنلىرىمىز ئىزچىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، دېدى.  

دونالد ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئەل قائىدىگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەجبۇر بولۇپ  قالساق، سۈرىيەگە قايتىپ كېلىمىز...ئىراقتا تولىمۇ كۈچلۈك بىر ھەربىي بازىمىز بار، ئىراقتا ئىزچىل تۇرىمىز، سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىمىز بىراق ئىراقتا تۇرۇپ دائېشقا زەربە بېرىمىز، سۈرىيەدە 2000 ئەسكىرىمىز بار ئىدى، ئۇلار چېكىنىشكە باشلىدى. ئەسكەرلىرىمىز دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى ئاخىرقى رايوننى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىراقتىكى ھەربىي بازىمىزغا يېنىپ كېلىدۇ، ئارقىدىن ئامېرىكاغا قايتىدۇ، بىراق ئىراقتا ئىزچىل تۇرىمىز.»

دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن قاچان چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىسرائىلىيەنى قوغداشقا مەجبۇرمىز، قولىمىزدىكى نەرسىلەرگە ئىگە چىقمىساق بولمايدۇ، بىراق ئەسكەرلىرىمىز ھامان بىر كۈنى چېكىنىپ چىقىدۇ.»

ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازا ئۈچۈن زور چىقىم سەرپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ مۇنداق دېدى: «ئىراقتىكى ھەربىي بازىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى مەقسىتىمىزدىن بىرى ئىراننى يېقىندىن كۆزىتىشتىن ئىبارەت، چۈنكى ئىران ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە.»

ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازىسىدىن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ قىلماسلىق توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا دونالد ترامپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇنداق قىلمايمىز، مەقسىتىمىز ئىراننى يېقىندىن كۆزىتىشتىن ئىبارەت، ئىراقتىكى ھەربىي بازىمىزنىڭ چىقىمى تولىمۇ كۆپ، مەسىلىلەر بىلەن تولغان ئوتتۇرا شەرقنى ھەر تەرەپتىن كۆزىتىش ئۈچۈن بۇ ھەربىي بازىمىز ھەقىقەتەن ئىشقا يارايدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەيدۇ، بىز ئىراننى ئىزچىل كۆزىتىمىز، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىپ ئىشلەپچىقارمايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلمىسەك بولمايدۇ.»

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاخىرىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرققە كىرىشىنىڭ ئېغىر خاتا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر