سومالىدا ئەش شەبابنىڭ 24 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سومالىدا ئامېرىكاغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەش شەباب بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1136699
سومالىدا ئەش شەبابنىڭ 24 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە ئايروپىلانلار سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش شەبابنىڭ بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى، بومباردىماندا 24 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ۋە  ئافرىقا قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەش شەبابنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ھىران رايونىدىكى ئەش شەباب لاگېرىغا يېقىن جايدا، تۈنۈگۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەش شەبابنىڭ ھۇجۇملىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ سومالى ئارمىيەسى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل ئىچىدىلا سومالىدا ئەش شەبابقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر