«ئامېرىكانىڭ خۇاۋېيغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ خۇاۋېي گۇرۇھىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1135165
«ئامېرىكانىڭ خۇاۋېيغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېي گۇرۇھىنى توختىماي ئەيىبلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خۇاۋېي گۇرۇھى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ ئۈستىدىن سوت ئېچىشىدىن قاتتىق ئەندىشە  قىلماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۈچلۈك نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى گېڭ، بۇ ئىشنىڭ كەينىدە كۈچلۈك سىياسىي غەرەز ۋە دۈشمەنلىك بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتچى گېڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خۇاۋېي بولۇپ بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە بېسىم قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە بۇ شىركەتلەرگە ئادىل ۋە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى مەنپەئەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەنە، ئامېرىكا بىلەن كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى سۈيئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، شۇنداقلا يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇرۇنراق مىڭ ۋەنجۇنى تۇتقۇن قىلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە كانادادىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىققا، ھەممىدىن مۇھىمى بۇنداق خاتا يولدا ماڭماسلىققا چاقىرىمىز»دېگەن باياناتچى گېڭ، كانادا ھۆكۈمىتىنى مىڭ ۋەنجۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىن كۇمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭ ۋەنجۇنى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئادىل ۋە ئەخلاقىي بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خۇاۋېي گۇرۇھى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭ ۋەنجۇنى قانۇنغا زىت قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەندىن سىرت، ئامېرىكانىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىدىن  خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خۇاۋېي كىرىزىسى

كانادا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىران ئېمبارگولىرىغا قارشى زىت ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خۇاۋېي گۇرۇھى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنى، بۇلتۇر 1-دېكابىردا ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىدۇ، بۇ ۋەقە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى، مىڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىدىن كېيىنلا خىتايدىكى كانادالىق كارخانچى مايكېل سپاۋور بىلەن سابىق دىپلومات مايكېل كوۋرىگنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ.

خۇاۋېي مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ، بۇلتۇر 12-دېكابىردا كانادادا ئېچىلغان سوتتا 10 مىليون كانادا دوللىرى كاپالەت پۇلى شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنسىتىرلىقىمۇ كانادادا تۇتقۇن قىلىنغان خۇاۋېي گۇرۇھى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنى 13 خىل قىلمىش بىلەن ئەيىبلەب،  ئۇنى كانادا ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلىدۇ.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ بانكىلارنى يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش، قارا پۇل يۇيۇش، پۇل يۆتكەشتە ساقتىپەزلىك قىلىش ۋە ئامېرىكادىكى تېخنولوگىيە شىركىتى « -Mobile » نىڭ سودا سىرلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگلىكىنى بىلدۈردى.

خۇاۋېي گۇرۇھى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان سوت، 6-فېۋرالدا باشلىنىدۇ.

 


خەتكۈچ: #خىتاي , #خۇاۋېي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر