ئامېرىكا سۈرىيەگە يەنە 600 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ چىقىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، سۈرىيەگە يەنە 600 ئەسكەر ئەۋەتتى.

1134169
ئامېرىكا سۈرىيەگە يەنە 600 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، سۈرىيەگە ئەۋەتكەن 600دەك زاپاس ئەسكىرى سۈرىيەگە يېتىپ كەلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 600دەك ئامېرىكا ئەسكىرى تۈنۈگۈن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھاراب ئىشق ۋە سسرىن ھەربىي بازىلىرىغا يېتىپ كەلگەن.

زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ ھەر قايسى بازىلارغا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى، ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ چىقىش خىزمىتى باشلانغاندا ھاراب ئىشق ۋە سىررىن قاتارلىق ھەربىي بازىلارنىڭ  ۋاقىتلىق قوماندانلىق مەركىزى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خاسەكى ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان رۇمەيلان ۋە شىمالىدىكى تېل بېيدەر رايونىدىكى ھەربىي بازىلاردىنمۇ ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ يۆتكلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، سۈرىيەگە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇلتۇر 19-دېكابىردا بايانات بېرىپ، سۈرىيەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ دائېشقا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ترامپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بايانات بېرىپ، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش خىزمىتىنىڭ ئاستا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئامېرىكالىق مەسئۇللار تۈركىيەدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك- ي پ گ غا  قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىيە بولسا ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ترامپنىڭ بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئىتتىپاقدېشى بولغان ي پ گ- پ ك ك ئىشغالىيىتىدىكى رايونلاردا 18 ھەربىي بازاسى ۋە 2000 ئەسكىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر