ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان گۇايدو، خەلقنى نامايىشقا چاقىردى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك مەجلىس باشلىقى خۇەن گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1134144
ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان گۇايدو، خەلقنى نامايىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك مەجلىس باشلىقى خۇەن گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنى مۇشۇ چارشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان ۋە ئامېرىكا بولۇپ نۇرغۇن غەرب ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن گۇايدو، تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان  نامايىشلار توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

گۇايدو پايتەخت كاراكاستىكى قوللىغۇچىلىرىنى مۇشۇ چارشەنبە سائەت 12:00دىن 14:00كىچە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشلار ئارقىلىق ئەسكەرلەرنى «خەلقنى قوللاشقا ۋە سىرتىدىن كېلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا»چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت دۆلەتلىك مەجلىس ئەزالىرى، دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مادۇرونى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن تەييارلاپ چىققان كەچۈرۈم قانۇنىنى كاراكاستىكى ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى.  

شەھەردىكى ھەربىي بازىلارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بىر نەچچە كىشىلىك گۇرۇپپا بولۇپ بارغان ئۆكتىچىلەر، كەچۈرۈم قانۇنى يېزىلغان قەغەزلەرنى ئەسكەرلەرگە بەرمەكچى بولۇشتى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاراقالغان كۆرۈنۈشلەردە بەزى ئەسكەرلەرنىڭ قەغەزلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئالغانلىقى كۆرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلار 23- يانۋاردا بىرلا ۋاقىتا نامايىش ۋە يىغىشلار ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان دۆلەتلىك مەجلىسنىڭ باشلىقى گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشلاردا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت جاكارلىدى، ئارقىدىنلا ئامېرىكا، ئاۋاسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر گۇايدونىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى.

مېكسىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مادۇرو ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىدى. مادۇرو ئارقىدىنلا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر