ئىران مادۇرونى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېزاغا تېلېفون قىلىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1133585
ئىران مادۇرونى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، زارىفنىڭ ئاررېزا بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە ئىراننىڭ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «سۆھبەتتە، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرگە قۇرۇۋاتقان توزاقلىرىغا خەلقئارالىق سەۋىيەدە قارشى تۈرۈش يوللىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېيىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، مېكسىكا، ئۇرۇگۋاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشنىشەلمەسلىككە سىياسىي ھەل قىلىش يوللىرى بويىچە ئىش تۇتۇلىشىغا ۋە ئىچكى دىيالوگنىڭ كۈچەيتىلىشى لازىملىقىغا دائىر تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭمۇ بۇ ھەقتە پىكىرداش دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ: #ئىران , #مادۇرو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر