ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك خادىملىرىنى دۆلەتتىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس باش ئەلچىخانىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك خادىملىرىنى دۆلەتتىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

1132970
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك خادىملىرىنى دۆلەتتىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس باش ئەلچىخانىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشى، بىرىنچى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ بولسا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ھەرقايسى ۋاكالەتخانىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 150 ئەتراپىدىكى خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قىيىن ئىكەن، شۇنداقتىمۇ، پايتەخت كاراكاستىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى تاقالمايدىكەن.

مىنىستىرلىق يەنە، ۋېنېزۇئېلادا ياشاۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇرۇشلىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.

ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، پايتەخت كاراكاستىكى پىرېزىدېنت سارىيىنىڭ بالكونىدىن ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە خىتاب قىلغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى، بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىغا ۋېنېزۇئېلانى تەرك ئتىشلىرى ئۈچۈن 72 سائەت مۆھلەت بەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر