مايك پومپېئو ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىغا دۆلەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 72 سائەتلىك ۋاقىت بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

1132045
مايك پومپېئو ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىس نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى ۋە شۇڭا مادۇرونىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋېنېرۇئېلانى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىگە دائىر بۇيرىقىغا رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مايك پومپېئو مادۇرونىڭ «ئامېرىكا مەملىكىتىمىزدە ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش توزىقى قۇردى. شۇڭا ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىغا دۆلەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 72 سائەتلىك ۋاقىت بېرىلىدۇ» دېگەن بۇيرۇقىغا ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلدى.

مايك پومپېئو ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا دۆلەت رەئىسلىكىنى ئېلان قىلغان دۆلەتلىك پارلامېنت باشلىقى جۇئان گايدونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەت رەئىسى گايدوغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك سالاھىيەتلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى جەھەتتە ياردەم قىلىشقا تەييارمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مايك پومپېئو مادۇرونىڭ ئارقىدىنلا جۇئان گايدونىڭمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دىپلوماىيە خادىملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا تۇرىۋىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مايك پومپېئو ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا بىلەن دىپلوماتىك مۇناىسۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىمىزنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلغان ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى گايدو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە بۇ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ. ئامېرىكا سابىق رەئىس نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلاش ياكى دىپلوماتىيە خادىملىرىمىنى "ياختۇلمايدىغان كىشى" ئېلان قىلىش ئۈچۈن قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مايك پومپېئو يازما باياناتىدا يەنە، «ئامېرىكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىپلوماتىيە خادىملىرىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلەرنى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر جاۋابكارلىققا تارتىمىز ۋە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەن سۆزلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر