ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىرانغا تەۋە بازىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى

: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى ئىراننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى بولغان فەيلاق ئەل قۇددۇسنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1129489
ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىرانغا تەۋە بازىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى بولغان فەيلاق ئەل قۇددۇسنىڭ  بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ مىنۇتلاردا سۈرىيەدىكى فەيلاق ئەل قۇددۇس قىسمىغا تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلماقتا.»

باياناتتا سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيە زېمىنلىرى ياكى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىققا چاقىرىلدى.

سۈرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى- سانانىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن سۈرىيە زېمىنلىرىغا راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، سۈرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇمنى توسۇپ قېلىپ راكېتامىيوتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى بىتچىت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سانا ئاگېنتلىقى يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان، ئەل جەلىل ۋە تابەرىييە ئارقىلىق ھۇجۇم قوزغانلىقى، سۈرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بولسا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئونلارچە راكېتامىيوتىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن كەچتە گولان تۆپىلىكىنىڭ شىمالىغا راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ۋە راكېتامىيوتنىڭ تۆمۈر گۈمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ دەمەشىقىكى ئىرانغا تەۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلار بىلەن ھىزبۇللاھقا تەۋە بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر