ئانتونىيو گۇتېررېس: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشلىرىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىش لازىم

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيە ئۈچۈن بەلگىلىنىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنىڭ 3 ئاساسلىق پىرىنسىپىدىن بىرسى، تۈركىيەنىڭ يوللۇق ئەندىشلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1128995
ئانتونىيو گۇتېررېس: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشلىرىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىش لازىم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 20 دېڭىز مىلى (32 كېلومېتىر) ئىچكىرىلىگەن ھالدا، بىخەتەر رايون قۇرۇلىشى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشلىرىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئانتونىيوگۇتېررېس ب د ت مەركىزىي ئىشخانىسىدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 20 دېڭىز مىلى (32 كېلومېتىر) ئىچكىرىلىگەن ھالدا، بىخەتەر رايون قۇرۇلىشى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «سۈرىيە ئۈچۈن بەلگىلىنىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنىڭ 3 پىرىنسىپتىن تەشكىل تېپىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بىرىنچىسى، سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكى بولۇشى لازىم. ئىككىنچىسى، تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىشى لازىم. ئۈچىنچىسى، سۈرىيە نوپۇسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نەزەردە تۇتۇش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ خىلمۇ خىل گۇرۇپلىرىنىڭمۇ سادالىرىنىڭ ئاڭلىتىلىشىغا يول قويۇش لازىم. مانا بۇ بىزنىڭ 3 ئۆلچىمىمىز» دېدى.

گۇتېررېس سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە ب د ت نىڭ خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش باشلايدىغان ياكى باشلىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ، «مېنىڭ ھېچقانداق تەكشۈرۈش ھوقۇقۇم يوق. باش كاتىپنىڭ نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەرنى قىلالماسلىقى ھەققىدە بەزى ئۇقۇشماسلىقلار مەۋجۇت. تەكشۈرۈشنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋاللاردا قارار ماقۇللاپ، ماڭا ھوقۇق بەرگىنىدە، ئاندىن تەكشۈرۈش باشلىيالايمەن. بەزى ئەھۋاللاردا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ھوقۇق بېرەلەيدۇ. مېنىڭ جازالاش خاراكتېرلىك بىرەر تەكشۈرۈشنى باشلاش ھوقۇقۇم يوق ۋە ھېچ بىر دۆلەت تەرىپىدىن بىرەر رەسمىي تەلەپمۇ كەلمىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇنداق ئەھۋاللاردا قارار ماقۇللاش ئۈچۈن يەنە بىر ئېھتىماللىق ھېسابلىنىدۇ. ئەزا دۆلەتلەردىن تەلەپ كەلگەن تەقدىردە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىشقا سالالايدىغان نۇرغۇن چارە - تەدبىرلەر بار» دېدى.

شىۋېيىتسارىيەنىڭ داۋوس يېزىسىدا 22يانۋاردىن 25يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن گۇتېررېس، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن پاكلاشنى نىشان قىلغان بىر يول خەرىتىسىنىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ جىددىي مۇزاكىرىلەرنى بالدۇرراق باشلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر