ياپونىيەدە يانار تاغ پارتلىدى

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇچىنوئېرابۇ ئارىلىغا جايلاشقان شىنداكە يانار تېغى پارتلىدى.

1127693
ياپونىيەدە يانار تاغ پارتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقى، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىنداكە يانار تېغىنىڭ ئەتىگەن سەھەردە پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

يانار تاغدىن ئۆرلىگەن كۈل ۋە ئىس تۈتەكلەر 500 مېتىرغىچە يېتىپ باردى.

ئارالدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ سەۋىيەسى 3 كە چىقىرىلدى.

باياناتتا، ۋولقان ئېقىنلىرىنىڭ بولسا، ۋولقان ئېغىزىدىن بىر يېرىم كېلو مېتىرگىچە يېتىپ بارغانلىقى ۋە ئارالدىكى خەلقنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

شىنداكە يانار تېغى ئىلگىرى 2015يىلى ماي ئېيىدىمۇ پارتلىغان ۋە ئارال خەلقى ۋاقىتلىق باشقا جايغا كۆچۈرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر