تىرېسا مېينىڭ ئىككىنچى پىلانى 29-يانۋار ئاۋازغا قويۇلىدۇ

ئەنگلىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مەسىلىسىدىكى «ئىككىنچى پىلانى» 29-يانۋار پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

1127999
تىرېسا مېينىڭ ئىككىنچى پىلانى 29-يانۋار ئاۋازغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى باش مىنىستىر تىرېسا مېينىڭ دۈشەنبە (14-يانۋار) كۈنى پارلامېنتقا سۇنىدىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنىڭ ئىككىنچى پىلانى» نىڭ 29-يانۋار پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەيشەنبە (15-يانۋار) كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز تاشلاشتا، باش ۋەزىر تىرېسا مېينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈزگەن چېكىنىش كېلىشىمى كۆپ سانلىقلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

پارلامېنتنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالغان قارارى بويىچە، باش ۋەزىر تىرېسا مېي «ئىككىنچى پىلانى» نى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەك.

ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن باش ۋەزىر تىرېسا مېينىڭ «ئىككىنچى پىلانى» نى، دۈشەنبە (21-يانۋار) كۈنى پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر