رۇسىيەدە يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسى جانغا زامېن بولدى
رۇسىيەنىڭ روستوۋ رايونىغا جايلاشقان بىر بىنادا ئالدىنقى كۈنى مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 4 كە يەتتى.
1126980
![رۇسىيەدە يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسى جانغا زامېن بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0032/5ac9/d435/5c3ed0751e146.jpg?time=1719060397)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاھت شەھىرىدىكى 9 قەۋەتلىك بىر بىنادا يۈز بەرگەن تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 4 كە يەتكەن، خارابىلىكەرنىڭ ئاستىدىن يەنە 3 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان.
بىنادىكى يۈرۈشلۈك 4 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان پارتلاشتىن كېيىنلا خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن بىر كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغانىدى.
رۇسىيەنىڭ چېليابىنسك رايونىغا جايلاشقان ماگنىتوگورسك شەھىرىدە 31 – دېكابىر كۈنىمۇ تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.