ئىران ئىراققا قارىتا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئىراق بىلەن ئۆزئارا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1125762
ئىران ئىراققا قارىتا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت مېدىياسىغا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جەۋاد زارىف باداتتىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، 6 نەپەر ئىراق مىنىستىرىمۇ قاتناشقان سودا كونفېرانسىدا سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈسىتىدە توختالغان.

جەۋاد زارىف رايون دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك قۇرغان ھەمكارلىقلىرىنىڭ باشقا تەرەپلەر بىلەن قۇرۇلىدىغان مۇناسىۋەتلەردىن تېخىمۇ بەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ھېچقانداق چېگرا قوبۇل قىلىمايمىز. ئىراققا قارىتا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، چېگرا رايونلىرىمىزدا سانائەت شەھەرلىرىنىڭ قۇرۇلىشىغا ۋە سودا ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تەييارمىز» دېدى.

جەۋاد زارىف: «بىر بىرىمىزگە ئىشىنىش ئارقىلىقلا دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى كەلگۈسى ياراتالايمىز» دېيىش بىلەن بىرگە رايوننىڭ بىخەتەر، كۈچلۈك ھالغا كېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشقا ئىھتىياچ بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىخەتەر ۋە كۈچلۈك رايوندا دۆلەتلەر قوشنىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىلەشلىرى قاتارىدا كۆرىدۇ. بىخەتەر ۋە كۈچلۈك رايوندا، ئۇرۇشنىڭ ئورنىنى مۇزاكىرە، قورال رىقابىتىنىڭ ئورنىنى ھەمكارلىق ۋە ياتلارغا ئىشىنىشنىڭ ئورنىنى قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرى ئالىدۇ»

جەۋاد زارىف 4 كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە باغداتتا يېتىپ بېرىپ، ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇل مەھدى، پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەل ھالبۇسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەل ھەكىم بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر