ئامېرىكا - شىمالىي كورېيە ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە شىمالىي كورېيە ۋە ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1126054
ئامېرىكا - شىمالىي كورېيە ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر دىپلوماتىك مەنبەنى تايانچ قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن شىمالىي كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچولنىڭ مۇشۇ ھەپتە ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى  قەيت قىلىندى.

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يۈرتۇرانە كۆرۈشۈش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر مەنبە، ئۇچرىشىشنىڭ 17 – 18 – يانۋار كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ چوسۇن ئىلبو گېزىتىمۇ، كىم يوڭچولنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلايدىغانلىقىنى يازدى.

بۇ ھەقتە نە پىيوڭياڭ، نە ۋاشىنگتون ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي بايانات بەرمىدى. پومپېيو بىلەن شىمالىي كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچولنىڭ نويابىر ئېيىدا نيۇ يوركتا كۆرۈشۈشى پىلانلىنىۋاتاتتى. بىراق، پىيوڭياڭ دائىرىلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن ئارىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپۇردا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر