پومپېيونىڭ قاشىقجى جىنايىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالماسلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى ۋە ئۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا توختالماسلىقى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

1125760
پومپېيونىڭ قاشىقجى جىنايىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالماسلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرغان رىياد زىيارىتى ۋە قاشىقجى جىنايىتىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، قاشىقجى جىنايىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تىلغا ئالماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇرۇنقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ NBC قانىلىدا پىكىر بايان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆكتىچىلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملارنى قەتئىي يۇمشاتمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «پومپېيونىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختالماسلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئونلارچە يىللىق دىپلوماتىك ئەنئەنىسى بۇزدى ۋە بۇ ئەھۋال، ۋاشىنگتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بېرىش ئۈچۈن كەتكۈزۈپ قويۇلغان بىر پۇرسەتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن ئاندرېيا پراسوۋمۇ، «(ترامپ دائىرىلىرى) مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى روشەن نامايان قىلدى... مۇھەممەد بىن سەلمان نېمە ئىش قىلسا قىلسۇن، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئويلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك سەۋەبلىرى بار» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە كونا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى خاتىرىسى ناچار بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بىراق مۇھەممەد بىن سەلمان دەۋرىدە بېسىم، تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن – قىستاقلارنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر